Montag, 22. März 2010

ئايدا 5 دوللارلىق پىلان

ئەسسالام دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇر ۋەتەنداشلار، مېنىڭ بىر مەسلىھەتىم بار، يەنى بىز ۋەتەن ئىچىدە تىرىشىپ ئوقۇيدىغان لېكىن ئىقتىسادى
ئىمكانىيىتى يار بەرمەيۋاتقان بالىلىرىمىزغا ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگىچە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە بىر فوند تەسىس قىلساق. ياۋرۇپا ۋە شىمالى ئامېرىكا، ئائۇسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ھەر بىرىمىز ئايدا پەقەت 5 دوللار ئىئانە قىلساقلا شۇ ئىقتىساد بىلەن ھەر يىلى ئاز دىگەندە 1 بالىمىزنى ئالى مەكتەپتە غەمدىن خالاس قىلىپ ئوقۇتالايمىز. بالىلار ئوقۇسا كېيىن مىللەتكە پايدىسى بار، خۇددى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئېيتقاندەك:

"ئوقۇتماي بالىلارنى خوپ چوڭ قىلدۇق،
ئەتە ئۆگۇن ئۇلار يېرىم نان تاپالىغايمۇ؟"

بولۇپ قالمىسۇن.

شۇ سەۋەپتىن بارلىق ۋەتەنداشلارغا ئىلتىماسىم،بۇ پىكىرنى قوللىساڭلار! تاماـ تاما كۆل بولار دىگەندەك، كۆزىمىزگە كۆرۈنمىگەن شۇ 5 دوللار ئارقىلىق بالىلىرىمىزنى ئوقۇتالايمىز.
بۇ مەسلىھەت ئەمدى ئوتتۇرىغا چىقتى. ھەر ئايدا ئىئانە قىلالايدىغان ۋەتەنداشلاردىن 10 كىشى مۇقىم بولغاندا ئىش باشلىنىدۇ. ئەلۋەتتە ئىئانە قىلغانلارنىڭ نام-شوھرىتى مەخپى تۇتۇلىدۇ، ھالىسا ئوز ئىختىيارلىغى بىلەن ئاشكارىلىنىدۇ.
دوستلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى تىلەيمەن

ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:

email: uyfonds@googlemail.com

Keine Kommentare:

Kommentar veröffentlichen